ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ كېچىك ۋاقتىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەينىگە مىنگىشىپ ماڭغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر بېرىدۇ: «مەن ساڭا بىرقانچە ئىشلارنى تەلىم بىرەي، ئۇ نەرسىلەر بىلەن ئاللاھ تائالا ساڭا مەنپەئەت بىرىدۇ: ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئادا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش بىلەن ئاللاھنى ياد قىلساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى تائەت-ئىبادەت، ياخشى ئەمەللەردە تاپىدۇ، گۇناھ -مەسىيەت، ئاسىيلىقتا تاپمايدۇ. ئەگەر سەن شۇنداق قىلساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردىن مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. سەن مۇھىم ئىشلىرىڭدا قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭ، ئاللاھ ساڭا ياردەم بېرىدۇ. بىر نەرسە سورىماقچى بولساڭ، پەقەت ئاللاھدىن سورا، ئۇ زات بارلىق ھاجەتمەنلەرنىڭ تېلىكىنى ئۆزى ئىجابەت قىلىدۇ. ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولساڭ، پەقەت ئاللاھدىن تەلەپ قىلغىن. سەندە شۇنداق بىر ئىشەنچ بولسۇنكى، ئەگەر زېمىن ئەھلىنىڭ ھەممىسى ساڭا بىر مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن جۇغلاشسىمۇ ئۇلار پەقەت ئاللاھ ساڭا تەقدىر قىلغان مەنپەئەتتىن باشقىنى يەتكۈزەلەلمەيدۇ. ئەگەر زېمىن ئەھلىنىڭ ھەممىسى ساڭا بىر زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن جۇغلاشسىمۇ ئۇلار پەقەت ئاللاھ ساڭا تەقدىر قىلغان زىياندىن باشقىنى يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھ پۈتىۋەتكەن تەقدىر قىلىۋەتكەن ئىش بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى، ھېكمىتى، ئىلمى ۋە تەقەززاسىغا مۇۋاپىق بولىدۇ، ئاللاھ تەقدىر قىلغان نەرسە ئۆزگەرمەيدۇ.