ساھابىلار بىر كىشىنىڭ مېيىتىنى يەرلىكتە قويۇش ئۈچۈن مەدىنىنىڭ قەبرىستانلىقىغا چىققان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا بىر ھاسا بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشىنى تۆۋەن سىلىپ، يەرنى جىجىلاپ، غەمكىن پىكىر قىلغاندەك ئولتۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ تەقدىرلىرىنى پۈتىۋەتتى، ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى ۋە دوزاختىكى ئورۇنلىرىنى بېكىتىۋەتتى» دېدى، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: «بەختسىز بەختسىز بولىدىغان، بەختلىك بەخىتلىك بولىدىغان، جەننەتكە كىرىدىغانلار جەننەتكە، دوزاخقا كىرىدىغانلار دوزاخقا كېرىدىغان بولۇپ تەقدىر ۋە ھۆكۈم ئىلگىرىلا بەلگىلىنىپ بولغان بولسا نېمە ئۈچۈن ئەمەل قىلىمىز؟، چۈنكى كىشىلەرنىڭ تەقدىرى بىكىتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەمەل قىلىشنىڭ نېمە پايدىسى بولىدۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ: «ئەمەل قىلىڭلار، ئاللاھ تەقدىر قىلغان ياخشىلىق-يامانلىققا يۆلىنىۋالماي، بۇيرۇلغان ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ تەلىۋى بويىچە ئەمەل قىلىڭلار، جەننەت ئەمەل بىلەن قولغا كېلىدۇ، دوزاخمۇ ئەمەل بىلەن قولغا كېلىدۇ، دوزاخقا دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلغانلار كىرىدۇ، جەننەتكە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلغانلار كىرىدۇ، ھەر بىر ئىنسانغا ئۆزىگە پۈتۈلگەن ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاسانلاشتۇرۇلىدۇ، بەخىتلىك كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا سائادەتمەن كىشىلەرنىڭ ئەمىلىنى ئاسان قىلىدۇ، بەختسىز كىشىلەرگە ئاللاھ بەخىتسىز كىشىلەرنىڭ ئەمىلىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ