explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ خالايىقلارنىڭ ھاياتلىق، ئۆلۈم، رىزىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يۈز بېرىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى بېكىتىش بىلەن بىرگە ئۇ ئىشلارنى ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل بۇرۇن پۈتىۋەتكەنلىكىنى، تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە مۇۋاپىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرى بىلەن بولىدۇ. ئىنسانغا پۈتۈلگەن نەرسە خاتا يەتكەن بولمايدۇ، ئىنسانغا تەقدىردە پۈتۈلمىگەن نەرسە ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • قازا ۋە قەدەرگە ئىشىنىش ۋاجىپتۇر.
  • تەقدىر دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ نەرسىلەرنى ئەزەلدىن بېلىشى، يېزىشى، خالىشى ۋە ئۇ نەرسىلەرنى پەيدا قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر.
  • تەقدىرنىڭ ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلىشتىن ئىلگىرى يېزىلغانلىقىغا ئىشىنىشنىڭ نەتىجىسى: قازاغا رازى بولۇش ۋە تەقدىرگە بويسۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر.
  • ئاللاھنىڭ ئەرشى ئاسمان ۋە زېمىنلەرنى يارىتىشتىن ئىلگىرى سۇنىڭ ئۈستىدە بولغان.
explain-icon

تېخىمۇ كۆپ