پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز پەزلى-رەھمىتىدىن خەۋەر بېرىپ، مۇسۇلمان ساق-ساغلام، سەپەر قىلمىغان ۋاقىتلىرىدا ياخشى ئەمەللەرنى تولۇق قىلىپ ئادەت قىلغان بولسا، كېسەل بولۇپ قىلىپ ئۇ ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلالمىغان بولسا، ياكى سەپەرگە چېقىپ قىلىپ ياكى باشقا بىر ئۈزۈر سەۋەپلىك تولۇق ئادا قىلالمىغان بولسا، بۇ كىشى ئۈچۈن ساق ۋە سەپەر قىلمىغان ۋاقىتلىرىدا قىلغان ئەمەللىرىگە ئەجىر بەرگەندەك تولۇق ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ.