ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدىن بىر جىنازە ئۆتتى، بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى، ئۇلار جىنازىدىكى كىشىگە ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەردى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇنىڭغا بۇ ئىسپاتلاندى،- دېدى، ئاندىن يەنە بىر جىنازە ئۆتكەندە، ئۇلار ئۇنىڭغا بىرىنجى جىنازىغا ئوخشاش ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەردى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇنىڭغا بۇ ئىسپاتلاندى،- دېدى، ئاندىن ئۈچىنچى جىنازە ئۆتكەندە، ئۇلار ئۇنىڭغا يامانلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەردى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇنىڭغا بۇ ئىسپاتلاندى،- دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى ئەبىل ئەسۋەدكە نىسبەتەن چۈشىنىشلىك بولماي، ئۇنىڭ مەنىسىنى بايان قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەندەك دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن ياخشى، سالىھ تۆت كىشى ئۇنىڭ ياخشى، سالىھ كىشى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرسە، ئۇنىڭغا جەننەت مۇقىملىشىدۇ» دېدى، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا: ئۈچ كىشى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسىچۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئۈچ كىشى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسىمۇ، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ» دېدى، ساھابىلار: ئىككى كىشى گۇۋاھلىق بەرسىمۇ جەننەت ئەھلىدىن بولامدۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككى ئادەم گۇۋاھلىق بەرسىمۇ ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ» دېدى، بىز ئۇنىڭدىن كىشىلەردىن بىرى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسىمۇ جەننەت ئەھلىدىن بولامدۇ؟ دېگەننى سورىمىدۇق