ھەدىسنىڭ مەنىسى: بىر مۇسۇلمانلاردىن بىرەرسى كۆچەت تىكسە ياكى زىرائەت تېرىسا ئۇنىڭ مېۋىسىنى ھايات مەخلۇقاتلار يەپلا قالسا، ئۇ كىشى تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاپ بېرىلىدۇ، تىككەن كۆچەت ۋە تېرىغان زىرائەت قالغانغا قەدەر ئۇ كىشىگە ياخشىلىق يېزىلىپ تۇرىدۇ. بۇ باپتا بايان قىلىنغان ھەدىستە، زىرائەت تېرىش ۋە كۆچەت تىكىشكە رىغبەتلەندۈرۈش بولۇپ، بۇنىڭدا دىنى ۋە دۇنيالىق تەرەپتىن مەنپەئەت ۋە كۆپ ياخشىلىق بولىدۇ، تېرىغان زىرائەت ۋە تىككەن كۆچەتتىن بىرەر جانلىق يېسە ئۇ كىشىگە سەدىقە بولىدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ ھەيران قالارلىقى بىرەر ئوغرى كېلىپ مېۋىدىن ئوغرىلاپ كەتسە، خۇددى بىر ئادەم خورمىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئوغرىلاپ كەتسە، ئۇنىڭغا ئاشۇنىڭدىمۇ ئەجىر بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ كىشى ئوغرىنى سوتقا ئېلىپ بېرىپ جازاغا تارتتۇرسىمۇ، ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئوغرىلانغان نەرسىنىڭ ساۋابىنىمۇ قىيامەتكىچە ئۇ كىشىگە يازىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ نەرسىلەردىن چارىپايلار يېسە ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ، ھەدىسنى مۇسۇلمانغا خاس قىلدى، چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن قىلغان سەدىقىسىنىڭ ساۋابىدىن دۇنيا-ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىنىدۇ