بىرەر كىشى دىن ئىشلىرىدا چۇڭقۇرلاپ، قولايلىقنى تاشلىسا، پۈتكۈل ياكى قىسمەن ئەمىلىدىن توختاپ قالىدۇ، شۇڭا ئاشۇرۇۋەتمەستىن، ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇڭلار، ئەڭ مۇكەممىلىنى قىلالمىساڭلار، ئۇنىڭغا يىقىنراقىنى قىلىڭلار، گەرچە ئاز بولسىمۇ، ئىزچىل ئەمەلگە بېرىلىدىغان ساۋابتىن خۇش بىشارەت ئىلىڭلار. تېتىك ۋە بوش ۋاقتىڭلاردا ئىبادەت قىلىشقا تىرىشىڭلار. نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: «الدين» دېگەن سۆز: قىلغۇچىسى نامەلۇم كىلىپ، پىچ ئوقۇلۇپ ۋە يەنە بىر ھەدىستە: "لن يشاد الدين أحد" دەپ زەۋەر ئوقۇلۇپمۇ كەلگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ: «إلا غلبه» دېگەن سۆزى: دىن ئۇنى مەغلۇپ قىلىدۇ، چىڭىتقۇچى دىننىڭ يوللىرى كۆپ بولغانلىقتىن قارشىلىشىشدىن ئاجىز كىلىدۇ،- دېگەن مەنىدە. «الغدو» ئەتىگەن تەرەپلەردە يول يۈرۈش، «الرواح» كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدا يول يۈرۈش، «الدلجة» كېچىدە يول يۈرۈش دېگەن مەنىدە. بۇ ئوخشىتىش ئۇسلۇبى بولۇپ، توغرا يولدا مىڭىۋاتقان مۇسۇلمان: يۇرتىدىكى ۋاقتىدا كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىشلەپ، ئازراق ئارام ئالىدىغان، سەپەر قىلغاندا كېچىسى مېڭىپ، چارچىغاندا توختاپ، ئارام ئالىدىغان دۇنيا خىزمىتىدىكى ئىنسانغا ئوخشىتىلغان. ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا يۈزلىنىشمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ