ھەر بىر ئۈگىنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن كۈندە سەدىقە قىلىپ تۇرۇش لازىم. ئۈگىلەرنىڭ سانى 360 «ئۈچيۈز ئاتمىش» دۇر، رەسۇلۇللاھ شۇنىڭدىن كېيىن سەدىقە ھىسابلىنىدىغان ئىشلارنى مىسال ئالدى. ئۇ ئىشلار ھەركەت ۋە سۆز ئارقىلىق، چەكلىك ۋە چەكسىز يەنى كىشىلەرگە يىتىدىغان مەنپەئەت چەكلىك ۋە چەكسىز بولىدۇ، دېدى. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغىنى پەقەت بىر مىسال سۈپىتىدە بايان قىلىنغاندۇر. ئىككى كىشى ئارىسىدا ئادىل بولۇش دېگەنلىك ھۆكۈم قىلغاندا ۋە ئىسلاھ قىلغاندا بارلىققا كىلىدۇ. ئۇ سۆز ئارقىلىق باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر. بىر كىشىگە ئۇلۇقىغا مېنىشتە ياردەم بىرىش ياكى يۈك-تاقىسىنى سۇنۇپ بېرىش دېگەنلىك، ھەركەت ئارقىلىق مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر. ياخشى سۆزگە زىكىر-تەسبىھ، دۇئا ۋە قىرائەت، تەلىم-تەربىيە ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش قاتارلىقلار كىرىدۇ. ئۇ چەكلىك چەكسىز سۆز بىلەن بولىدۇ. مۇسۇلمان كىشىنىڭ مەسچىتكە ماڭغان قەدىمى ئۆزىگە قىلغان سەدىقە بولىدۇ. بۇ چەكلىك ئىش-ھەركەت. يولدىن كىشىلەرگە ئازار يىتىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋىتىش يەنى تىكەن، تاش، ئەينەك پارچىسى ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلار. بۇ چەكسىز ئىش-ھەركەت