سەھرالىق بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ جەننەتكە كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان بىر ئىشقا يېتەكلەپ قويۇشنى سورىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە جاۋاپ بېرىپ: جەننەتكە كېرىش ۋە دوزاختىن قۇرتۇلۇش: ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن يەككە-يىگانە دەپ ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئىسلام ئاساسلىرىنى ئادا قىلىشقا توختىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئاللاھ تائالا بەندىسىگە بىر كېچە-كۈندۈزدە ئادا قىلىشنى پەرز قىلغان بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇش. ئاللاھ تائالا مېلىڭىزدىن ئادا قىلىشقا بۇيرىغان زاكاتنى ھەقلىق بولغانلارغا تولۇق بېرىش. رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى ۋاقتىدا تولۇق تۇتۇش. ئۇ كىشى: مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! مەن سىلىدىن ئاڭلىغان پەرز قىلىنغان ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى زىيادە قىلمايمەن ۋە ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتمەيمەن دېدى. ئۇ كىشى كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر كىشىگە قاراش بىلەن خۇرسەن بولىدىغان كىشى بۇ سەھرالىق كىشىگە قارىسۇن»دېدى.