ئەييۇپ سەختىيانى مۇنداق دەيدۇ: جۇرمى قەبىلىسىدىكى ئەبۇ قىلابە ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ بىلىدىغان ھەدىسلىرىدىن سوراپ باقمامسەن؟» دېدى، مەن ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە بىلەن كۆرۈشۈپ سورىدىم، ئەمىر ئىبنى سەلەمە مۇنداق دېدى: بىز كىشىلەر ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا ياشايتۇق، كارۋانلار ئۆتكەن ۋاقىتتا بىز ئۇلاردىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئەھۋالىنى سورايتۇق، ئۇلار: «ئۇ ئۆزىنى ئاللاھ ئىۋەتتى ۋە مۇنداق ۋەھى قىلدى دەيدىكەن» دەپ ئاڭلىغان سۈرىلەرنى ئوقۇپ بېرەتتى، مەن ئاشۇ قۇرئان ئايەتلىرىنى قەلبىمگە ئورنىغىدەك پىششىق يادلىۋالاتتىم، ئەرەپلەر مەككە ئازاد بولغىچە مۇسۇلمان بولماي كۈتۈپ تۇردى، ئۇلار: ئۇنى ۋە ئۇنىڭ قەۋمى قۇرەيشنى ئۆز ھالىغا قويۇڭلار، ئەگەر ئۇ قۇرەيشلەر ئۈستىدىن غەلبە قىلسا ئۇ راست پەيغەمبەر دەيتتى، مەككە ئازاد بولغان ۋاقىتتا ھەممە قەبىلە مۇسۇلمان بولۇشقا ئالدىرىدى، بىزنىڭ قەۋمىمىزدىن دادام ھەممىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولدى، دادام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا بېرىپ كەلگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەقىقى پەيغەمبەرنىڭ يېنىدىن كەلدىم» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىگە: «بۇ نامازنى مۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇڭلار، بۇ نامازنى مۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇڭلار، نامازنىڭ ۋاختى بولغاندا، بىرسىڭلار ئەزان ئوقۇسۇن، قۇرئاننى كۆپرەك بىلىدىغىنىڭلار ئىمام بولسۇن» دېگەنلىكىنى يەتكۈزدى، ئۇلار قاراپ چىقتى، ئۇلارنىڭ ئېچىدە مەندىنمۇ قۇرئاننى كۆپ يادلىغان بىرسى يوق ئىدى، مەن كارىۋانلارغا ئۇچرىشىپ كۆپ سۈرىلەرنى يادىلىۋالغان ئىدىم، ئۇلار مېنى ئالدىغا چېقىرىپ ناماز ئوقۇپ بېرىشىم ئۈچۈن ئىمام قىلدى، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئالتە ياكى يەتتە ياشتا ئىدىم، مىنىڭ ئۇچامدىكى قىسقا كىيىمدە سەجدە قىلسام ئېچىلىپ قالاتتىم، قەۋمىمىزدىكى بىر ئايال: «ئىمامىڭلارنىڭ ئەۋرىتىنى ياپمامسىلەر؟» دېدى، ئۇلار مەن ئۈچۈن كۆينەك سىتىۋالدى، مەن بىرىر نەرسىگە ئاشۇ كۆينەككە خۇرسەن بولغاندەك خۇرسەن بولمىغان ئىدىم. بۇ ھەدىس نامازدا ئەۋرەتنى يېپىش شەرت ئەمەس دېگەنلىكنى ئىپادىلىمەيدۇ، چۈنكى بۇ ۋەقە ئۇلار بۇ ھۆكۈمنى بىلىشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولىشى مۇمكىن