ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىستە شۇنداق خەۋەر بەرگەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋىدالىشىش ھەججى قىلغان يىلى مىنادا تۇرغاندا، ئۇ بىر چىشى ئېشەككە مېنىپ كەلدى، رەسۇلۇللاھ ساھابىلەر بىلەن ناماز ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تام ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش توسالغۇ يوق ئىدى، ئىبنى ئابباس ئېشەككە مىنگەن ھالدا سەپنىڭ ئالدىدىن بىر ئاز ئۆتۈپ توختىدى، ئاندىن ئېشەكنى قويىۋېتىپ نامازغا ئىقتىدا قىلدى. ئۇ، بۇ ۋاقىتتا بالاغەتكە يېتىپ قالغان ئىدى. يەنى بىرەر شەرىئەتكە زىت ئىش سادىر قىلسا ئەيىپلىنىدىغان، نامازخانلارنىڭ نامىزىغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان ياشتا ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ ياكى ساھابىلەردىن بىرەرسى كايىمىدى ۋە ئۇنى ئەيپلىمىدى