مۇئاز ئىبنى جەبەلنىڭ جامائىتى بولغان بەنى سەلەمە جەمەتىنىڭ ئۆيلىرى مەدىنە سىرتىدا ئىدى، مۇئاز ساۋابلىق ئىشلارغا ناھايىتى ھېرىسمەن كىشى بولۇپ، ئۇ ئۈگۈنۈش مەقسىتىدە ۋە رەسۇلۇللاھنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەنلىكتىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇشقا بەك ھېرىسمەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن پەرز نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن شۇ نامازنىڭ ئۆزىنى قەمىگە ئىمام بولۇپ ئوقۇپ بىرەتتى. مۇئاز نەپلە ئوقۇغان، قەۋمى بولسا پەرز ئوقۇغان ئاساستا بولاتتى، بۇ ۋەقەلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلىپ توغرا سانىغان ئىدى. لېكىن ئۇ بىر قېتىملىق نامازدا قىرائەتنى ئۇزۇن ئوقۇدى، ئىسلام شەرىئىتى قولايلىق، كەڭرىچىلىك ۋە ئاسايىشلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان، چۈنكى جاپا-مۇشەققەت، ئېغىرچىلىق ئىنساننى نەپرەتلەندۈرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئازنىڭ نامازنى ئۇزۇن ئوقۇشىدىن خەۋەردار بولغاندا مۇئازنى نامازدا قىسقا سۈرىلەرنى ئوقۇشقا بۇيرۇپ ئورتاھال سۈرىلەردىن ئوقۇشنى مېسال ئېلىپ بەردى، سەببىھىسمە، ۋەششەمسى، ۋەللەيلى دەك سۈرىلەر، چۈنكى جامائەت ئىچىدە ياشانغان، ئاجىز، ئىھتىياج ئىگىلىرى بار، ئۇلارغا نامازدا ئۇزۇن تۇرۇش قىيىن كىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن نامازنى قىسقا ئوقۇش كېرەك، ئەمما يالغۇز ئوقۇغان كىشى قانچە ئۇزۇن ئوقۇسا ئۇ دۇرۇس. «قۇرئان سۈرىلىرى ئۇزۇن مۇپەسسەل، سۈرە ھۇجراتتىن سۈرە ئەممىگىچە، ئورتاھال مۇپەسسەل، سۈرە ئەممەدىن سۈرە ۋەززۇھاغىچە قىسقا مۇپەسسەل سۈرە ۋەززۇھادىن سۈرە ناسقىچە دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ»