رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدا سەپلەرنى تۈز قىلمىسا، سېپى تۈز بولمىغان كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى قارىمۇ-قارشى قىلىۋېتىدغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئاللاھنىڭ جازاسى نامازدا سەپلەرنى تۈز قىلماي، ئارىلىق قوياپ ناماز ئوقۇغاندىن كىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەرگە سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈگىتەتتى، سەپلەرنى تۈزەشنىڭ مۇھىملىقىنى ساھابىلەر بىلگەنگە قەدەر ھەتتا قولى بىلەن ئۈگىتەتتى. قايسى بىر نامازدا بىر ساھابىنىڭ سەپ ئالدىغا چىقىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ غەزەپلەندى ۋە دېدى: ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى سەپلىرىڭلارنى رۇس قىلىڭلار، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاللاھ تائالا دىللىرىڭلارنى قارىمۇ-قارشى قىلىۋىتىدۇ