explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتكە كەلگەن كىشىنى، قايسى ۋاقىتتا كەلسە ۋە قانداق مەقسەت بىلەن مەسچىتكە كىرسە، ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. بۇ ئىككى رەكەت ناماز مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىدۇر. (تەھىييەتۇل مەسچىت نامىزى).

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • مەسچىتكە كىرگەندە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى مەسچىتنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىش ياخشىدۇر.
  • بۇ ئىش ئولتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كىشى ئۈچۈندۇر، ئەمما بىر كىشى مەسچىتكە كېرىپ، ئولتۇرماي چىقىپ كەتسە ئۇ كىشىگە ناماز ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ.
  • ناماز ئادا قىلىش ئۈچۈن مەسچىتكە كىرگەندە، كىشىلەر نامازغا تۇرغان بولسا، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ نامازغا قىتىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىنى ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ.