ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار قورقمامدۇ؟! ياكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار بېشىنى ئىمامدىن بۇرۇن كۆتەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بېشىنى ئېشەكنىڭ بىشىغا ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى سۈرىتىنى ئېشەكنىڭ سۈرىتىگە ئايلاندۇرىۋېتىشىدىن قورقمامدۇ؟». تېكىست توغرا - بىرلىككە كەلگەن
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىمامدىن بۇرۇن بېشىنى كۆتۈرگەن كىشىنىڭ بىشىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئېشەكنىڭ بىشىغا ئوخشاش ياكى سۈرىتىنى ئېشەكنىڭ سۈرىتىگە ئوخشاش قىلىپ قويىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قاتتىق ئازابنى بايان قىلىپ بەردى.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • ئىمام بىلەن ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى ئۈچۈن تۆت تۈرلۈك ھالەت بولىدۇ، ئۈچ تۈرلۈك ھالەت چەكلىنىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: ئىمامدىن بۇرۇن بېشىنى كۆتۈرۈش، ئىمام بىلەن باراۋەر كۆتۈرۈش ۋە ئىمامدىن بەك كېيىن كۆتۈرۈش، ئىمامغا ئەگەشكۈچى ئۈچۈن پەقەت ئىمامغا ئەگىشىشلا يولغا قويۇلغاندۇر.
  • نامازدا ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشىنىڭ ئىمامغا ئەگىشىشى ۋاجىپتۇر.
  • نامازدا ئىمامدىن بۇرۇن بېشىنى كۆتۈرگەن كىشىنىڭ بىشىنى ياكى شەكلىنى ئېشەكنىڭ سۈرىتىگە ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا كەلگەن ئازاب يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ سۈرەتنى مۇبەددەل قىلىۋېتىشتىن ئىبارەتتۇر.