پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جامائەت بولغانلارغا، ئىمامنىڭ نېمە ئۈچۈن تەيىنلەنگەنلىكىنىڭ ھېكمىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. نامازخانلار نامازلىرىدا ئۇنىڭغا ئەگىشىشى، ناماز ئىچىدىكى ئەمەللەرنىڭ بىرەرسىدە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماستىن، بەلكى ئىمامنىڭ پۈتۈن ھەرىكەتلىرىگە ئىزچىل رىئايە قىلىشى لازىم. ئەگەر نامازنى باشلاش ئۈچۈن ئاللاھۇ ئەكبەر دېسە، سىلەرمۇ بىللە دەڭلار. ئەگەر رۇكۇ قىلسا، ئارقىدىنلا ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر"سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە" دېسە (شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ھەمدە ئېيتقۇچىلارغا جاۋاپ بەرگۈچىدۇر)، سىلەرمۇ (رەببەنا لەكەلھەمدۇ) دەپ، ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىڭلار. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەلگەن بۇندىن باشقا رىۋايەتلەر، مەسىلەن: (رەببەنا ۋە لەكەلھەمدۇ)، (ئاللاھۇممە رەببەنا ۋە لەكەلھەمدۇ)، (ئاللاھۇممە رەببەنا لەكەلھەمدۇ) دەپ كەلگەن ئىبارىلەر ئارقىلىق ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىڭلار. ئەگەر ئىمام سەجدە قىلسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سەجدە قىلىڭلار. ئەگەر ئۆرە تۇرۇشتىن ئاجىز كەلگەنلىك سەۋەبىدىن ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن، گەرچە سىلەر ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولساڭلارمۇ ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇڭلار