پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆز - ھەركەتلەردە ئاسان ۋە يەڭگىل بولۇشقا بۇيرىيتتى، ئىبادەتكە ئۆز ھەققىنى بېرىپ، مۇكەممەل ۋە تولۇق ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، نامازنى يەڭگىل ئوقۇش شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەرقانداق ئىمامنىڭ نامىزىدىن يەنىلا ھەممىدىن كاتتا ئىمام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنىڭ يەڭگىل ئىكەنلىكى، نامازغا ئەگەشكەنلەرگە ھەرگىز ئېغىر كەلمەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ نامازدىن يەنە ناماز ئوقۇشقا ئىنتىلىپ تارقىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى ۋاجىپ ۋە مۇستەھەبلىرى بىلەن ھېچ كەمچىللىك سادىر بولمىغىدەك مۇكەممەل، تولۇق ئادا قىلاتتى، بۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەركىتىنىڭ تەسىرىدۇر