پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناھايتى كەمتەر بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە ۋەز ئېيتىپ، خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا، بىر غىرىپ ئادەم كىلىپ ئۆزىنىڭ دىنى توغرىسىدا سوئال سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇتبىنى كەلگەن يېرىدە توختۇتۇپ قويۇپ، ئۇ كىشىگە يۈزلىنىپ ئۇنىڭ يىنىغا كېلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئورۇندۇق كەلتۈرىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە دىننى ئۈگۈتىدۇ، چۈنكى بۇ كىشى ئىلىمگە ئېشتىياق باغلاپ، دىنىنى ئۈگۈنۈپ ئەمەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ كەلگەن بولغاچقا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزلەۋاتقان خۇتبىنى توختىتىپ ئۇ كىشىگە دىننى ئۈگەتتى، ئاندىن خۇتبىنى داۋاملاشتۇردى