شەقىق ئىبنى سەلەمە رەھىمەھۇللاھ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئۇلارغا ۋەز-تەبلىغ قىلىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. بىر ئادەم ئابدۇللاھقا: سېنىڭ ھەر كۈنى بىزلەرگە ۋەز-تەبلىغ قىلىپ بېرىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتۇق، دېگەندە ئۇ: سىلەرنى زىرىكتۈرۈپ ۋە مالال قىلىپ قوياش مېنى شۇنداق قىلىشتىن توسىدۇ، خۇددى رەسۇلۇللاھ بىزنى مالال قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئارىلاپ-ئارىلاپ ۋەز-تەبلىغ قىلغاندەك مەنمۇ سىلەرنىڭ ئىھتىياجىڭلارغا قارىتا ۋەز-تەبلىغ قىلىپ، سىلەرنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇرىمەن، دېگەن. چۈنكى مالال بولغاندا ۋەز-نەسىھەتنىڭ تەسىرى بولمايدۇ