پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ قورسىقىدا ئاغرىق بولۇپ، ئىككىلىنىپ يەل چېقتىمۇ ياكى چىقمىدىمۇ بۇنى ئېنىق بىلەلمىسە، يېڭىدىن تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن نامىزىنى بۇزۇپ چېقىپ كەتمىسۇن. ھەتتا تاھارەتنى بۇزىۋاتىدىغان، يەلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ياكى پۇرىقىنى پۇرىمىغۇچە تاھارەت يېڭىلاش ئۈچۈن چېقمىسۇن. چۈنكى ئۇنىڭ تاھارىتىنىڭ بۇزۇلمىغانلىقى ئىشەنچ بىلەن، تاھارەتنىڭ بۇزۇلغانلىقى بولسا شەك بىلەن بولۇپ، شەك ئىشەنچنى بىكار قىلىۋېتەلمەيدۇ دېگەننى بايان قىلىپ بەردى.