ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىلەرگىمۇ زېيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، كىمكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، كىمكى كىشىلەرگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ». باشقا ھەدىسلەر بىلەن سەھى - دارى قۇينىي رىۋايىتى
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنساننىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا يېتىشى ئېنىق بولغان تۈرلۈك شەكىلدىكى زېيانلاردىن ساقلىنىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ قانداق بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا قانداق شەكىلدە بولسۇن زېيان يەتكۈزۈشى توغرا بولمايدۇ. زىيانغا زىيان بىلەن تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ، چۈنكى زىيان زىيان بىلەن يوق قىلىنمايدۇ، لېكىن قىساس ئالىدىغان ۋاقىتتا بەلگىلىمىدىن ئۆتۈپ كەتمەي ئالسا بولىدۇ. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «باشقىلارغا زېيان سالغان كىشىنىڭ چوقۇم زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى، باشقىلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان كىشىنىڭ قىيىنچىلىقتا قالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • باشقىلارنىڭ قىلغان قىلمىشىدىن ئارتۇق جازالاشتىن ئاللاھ چەكلىگەن.
  • ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بىر ئىشقا بۇيرىمىدى.
  • بىر ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىق بىلەن ۋە ئاغزاكى بولسىمۇ ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە زىيان يەتكۈزۈش ھارام بولىدۇ.
  • جازا-مۇكاپات قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ، كىمكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، كىمكى كىشىلەرگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ.
  • شەرىئەت قائىدىسىدىن: زىيان يوق قىلىنىدۇ، شەرىئەت زېياننى ئېتىراپ قىلمايدۇ، زىيان يەتكۈزۈشنى چەكلەيدۇ.