ھەدىسنىڭ مەنىسى:قوي گۆشى يېگەنلىك ئۈچۈن تەرەت ئالىمەنمۇ؟ بۇ بىر ساھابىنىڭ: قوي گۆشى توغرىسىدا، ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا قوي گۆشى يېگەنلىك ئۈچۈن تەرەت ئېلىش كېرەك بولامدۇ؟ياكى تەرەت ئېلىش شەرت ئەمەسمۇ؟دەپ سورىغان سوئالى بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «خالىساڭ تەرەت ئالغىن، خالىساڭ تەرەت ئالمىغىن»دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشى تەرەت ئىلىش بىلەن ئالماسلىق ئارىسىدىكى ئىختىيارلىقنى بەردى، ھەر ئىككىسى دۇرۇس بولىدۇ، ئۇ كىشى: تۆگە گۆشى يىگەنلىكتىن تەرەت ئالىمەنمۇ؟يەنى، تۆگە گۆشى يېگەنلىك ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا تەرەت ئېلىش كېرەك بولامدۇ؟ ياكى تەرەت ئېلىش شەرت ئەمەسمۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ھەئە تۆگە گۆشى يىگەنلىكتىن تەرەت ئالغىن»دېدى،يەنى گەرچە ئازراق يېسەڭمۇ تۆگە گۆشى يېگەنلىك ئۈچۈن تەرەت ئېلىشىڭ كېرەك بولىدۇ، ئەمما تۆگىنىڭ سۈتىنى ۋە شورپىسىنى ئېچسە تەرەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇرەنىييىنلىق كىشىلەرنى تۆگە سۈتى ئېچكەندە تەرەت ئېلىشقا بۇيرىمىدى، ئۇلارنى پەقەت ئېچىشكە بۇيرىدى، چۈنكى ھاجەت بولغاندا ھۆكۈمنى بايان قىلىپ بېرىشنى كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ.ئۇ كىشى: قوي قوتىنىدا ۋە قويلار ئارام ئالىدىغان جايلاردا ناماز ئوقۇيمەنمۇ؟دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ھەئە»قويدىن ئەنسىرەش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئورۇنلاردا ناماز ئوقۇسىڭىز دۇرۇس بولىدۇ دېدى، ئۇ كىشى: تۆگە قوتىنىدا ۋە تۆگىلەر ئارام ئالىدىغان جايلاردا ناماز ئوقۇيمەنمۇ؟دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ياق»دېدى، يەنى ئۇنداق جايلاردا ناماز ئوقۇماڭ، چۈنكى ئۇ جايدا تۆگىنىڭ ئۈركىشىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنى دەسسىۋىتىش ياكى باشقا ئەزىيەتلەر يېتىپ قېلىشى مۇمكىن دېدى، بۇنىڭدىن قويدا يۇۋاشلىق بولغانلىقى، قوينىڭ ئۈركىمەيدىغان ۋە باشقىلار ئەزىيەت يەتكۈزمەيدىغانلىقى ئۈچۈن قوي قوتىنىدا ناماز ئوقۇسا خاتىرجەم بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ، سۇبۇلۇس سالام1-توم 99-بەت، پەتھى زىل جەلالى ۋەل ئىكرام 1-توم 264-بەت، تەۋزىيھۇل ئەھكام 304-305-بەت، تەسھىيلىل ئىلمام 1-توم 192-195-بەتلەر