ھەدىسنىڭ مەنىسى: بىر كىشى تەرەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئەۋرىتىنى تۇتسا قانداق بولىدۇ؟ دېگەندىن: بىر كىشى تەرەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئەۋرىتىنى تۇتقان بولسا ئۇ كىشىگە نېمە قىلىش كېرەك بولىدۇ؟. ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىدە:«بىر كىشى نامازدا ئەۋرىتىنى تۇتسا تەرەت ئېلىش كېرەك بولامدۇ؟» دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇ سەندىن بولغان بىر پارچە» دېدى. ئۇ پەقەت سەندىن بىر پارچە گۆشتۇر» ياكى بەدىنىڭدىن بىر پارچە گۆش» دېگەندىن: ئەۋرەتمۇ بەدەندىكى باشقا ئەزالارغا ئوخشاش بولۇپ، تەرەت ئالغۇچى ئۆزىنىڭ قولى ياكى پۇتى ياكى بۇرنى ياكى بېشىنى سىلىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ تەرىتى سۇنمايدۇ، شۇنىڭدەك ئەۋرىتىنى تۇتسىمۇ تەرىتى بۇزۇلمايدۇ. بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى بۇ ھەدىس ئەۋرەتنى كىيىمنىڭ سىرتىدىن تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان بولىشى مۇمكىن، ئەمما باشقا ھەدىسلەرگە كۆرە، ئەۋرىتىنى بىۋاستە قولى بىلەن تۇتقان بولسا ئۇ ۋاقىتتا تەرىتى سۇنىدۇ