بۇ ئىككى كۆز مەقەتنىڭ ئېغىزى دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسى: يەنى ئىككى كۆز ئويغاق ھالەتتە مەقەتنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشدىن چەكلەيدۇ، ئەگەر بىر نەرسە چىقىپ قالسا، ئىنسان بۇنى سىزەلەيدۇ. ئىككى كۆز ئۇخلىغاندا ئېغىز ئېچىلىدۇ، يەنى ئىنسان ئۇخلىغان ۋاقتىدا بەدەندىكى پەيلىرى بوشايدۇ، مەقەتنىڭ ئېغىزىنى تۇتۇپ تۇرغان ئارغامچا يېشىلىدۇ، ئىنسان ئۇنى سەزمەستىنلا، ئۇنىڭدىن يەل چىقىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆزنى قاچىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان ئارغامچىغا ئوخشاتتى، ئىككى كۆز ئوچۇق بولغان ۋاقىتتا ئارغامچا مەقەتنىڭ ئېغىزىدا چىڭ بولىدۇ، مەقەتتىن بىر نەرسە چىقسا، بۇنى سېزىدۇ، ئەگەر ئىككى كۆز ئۇخلىسا ئېغىز ئېچىلىپ، تۇلۇمنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەر چىققىنىنى سەزمەستىن چىقىپ كېتىدۇ، بۇ ئوخشۇتۇشتۇر، زېھىنلەرگە شەرئىي ھۆكۈمنى يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ئالاھىدە ئوخشۇتۇش بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن ئاز سۆز بىلەن كۆپ مەنا ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنىڭ جۇغلانمىسى قاتارىدىندۇر