پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نامازدا دېيىلىدىغان تەشەھھۇتنى تەلىم بەردى، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دىققەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ قولىنى ئىككى قولىنىڭ ئارىسىغا ئىلىپ، تەشەھھۇتنى خۇددى قۇرئان كەرىم سۈرىلىرىنى تەلىم بەرگەندەك ئۈگۈتىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تەشەھھۇتنىڭ لەپزى ۋە مەنىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ھۆرمەت، ئۇلۇغلاش ئاللاھ ئۈچۈندۇر»: ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلۇغلاشنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر. نامازلار: ئۇ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان ئاللاھ ئۈچۈن ئادا قىلىنىدىغان پەرز ۋە نەپلە نامازلاردۇر. پاكلىقلار: ئۇ: سۆزلەردىن بولسۇن، ئىش-ھەرىكەتلەردىن بولسۇن، مۇكەممەللىكنى بىلدۈرىدىغان پاك سۈپەتلەر بولسۇن بۇنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ تائالا ھەقلىقتۇر. «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلىگە ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن»: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن بارلىق بالايى-ئاپەت ۋە ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلاردىن سالامەتلىك تىلەپ، ياخشىلىقنىڭ كۆپ ۋە زىيادە بولىشىنى تېلەپ دۇئا قىلىشتۇر. «بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە سالامەتلىك بولسۇن»: ناماز ئادا قىلغۇچى ۋە ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن سالامەتلىك تېلەپ دۇئا قىلىش. «ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن»: كەسكىن جەزىم قىلىپ ئىقرار قىلىمەنكى، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر. «ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر»: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناماز ئادا قىلغۇچىنى ئۆزى خالىغان دۇئالارنى تاللاپ قىلىشقا قىزىقتۇردى.