ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئېلىش سۈپەتلىرىنى ئېنىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن ئۈگەتتى: بىر قاچىدا سۇ ئەكەلدۈردى، قاچىدىن قولىغا سۇ قۇيۇپ ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ قولىنى قاچىغا تىقىپ سۇ ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئېغىزىنى چايقاپ چىقىرىۋەتتى، ئۇنىڭدىن كىيىن بۇرنىغا سۇ ئىلىپ بۇرنىنى تازىلاپ چېقىرۋەتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئىككى قولىنى ئىككى جەينىكى بىلەن ئۈچ قېتىمدىن يۇدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ھۆل قولى بىلەن بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پۇتىنى ئىككى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ ئۈچ قېتىمدىن يۇدى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئۆزى تاھارەت ئالغاندەك مۇشۇنداق تاھارەت ئالغانلىقىنى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇنداق تاھارەت ئالغان كىشىگە، تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھۇزۇرى دىل بىلەن خالىس ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مۇشۇ كامىل ئالغان تاھارەت، خالىس ئادا قىلغان نامازغا ئاساسەن ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىش بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقى بىلەن خۇش بېشارەت بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.