بۇ ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرەت ئالغان سۇيىنىڭ مىقدارىدىن خەۋەر بېرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئۇچۇم سۇ بىلەن ئىسراپ قىلماي تاھارەت ئالاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇنى يۇيىلىدىغان ئەزالارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىلىكىنى سىلايتى