ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلغان كىشى ھەجگە بېرىپ قايتقىچە ناچار گەپ-سۆز ۋە گۇناھ-مەئ‍سىيەتتىن ساقلانسا، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك گۇناھدىن پاك بولغان ھالەتتە قايتىدۇ». تېكىست توغرا - بىرلىككە كەلگەن
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلغىلى چىققان كىشىنىڭ ناچار گەپ-سۆزلەر، شەھۋانى سۆز-ھەرىكەتلەردىن ۋە گۇناھ-مەئ‍سىيەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. پىسقى-پۇجۇر دىگەندىن: ئېھراملىق ھالىتىدە قىلىش چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش دېگەن بولۇپ، بۇ شەكىلدە ھەج قىلغان كىشى خاتالىقلىرى كەچۈرۈم قىلىنىپ، يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاقتەك مەسۇم ھالەتتە قايتىدۇ.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • پىسقى-پۇجۇر قىلىش ھەرقانداق ھالەتتە چەكلەنگەن بولسىمۇ ھەج پائالىيىتىنى ئۇلۇغلىغانلىقتىن ھەج قىلىش جەريانىدا ئالاھىدە چەكلىنىدۇ.
  • ئىنسان دۇنياغا كۆز ئاچقاندا مەسۇم، گۇناھدىن پاك ھالەتتە دۇنياغا كېلىدۇ، باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئۇستىگە ئالمايدۇ.