چاچ چۈشۈرۈش ۋە قىسقارتىش ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ جۇملىسىدىن. چاچنى چۈشۈرۈش قىسقارتقاندىن ئەۋزەل چۈنكى چاچنىڭ تېگىدىن ئېلىۋىتىش ئاللاھ تائالاغا تولۇق بۇيسۇنغانلىق بولۇپ ئۇ ئىبادەتنىڭ ماھىيتىگە، ئاللاھ تائالاغا يىلىنىشقا ئەڭ يېقىن، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چاچ چۈشۈرگۈچىلەرگە ئۈچ قېتىم دۇئا قىلغاندا، ساھابىلەر قىسقارتقانلارنى ئەسلەتكەن بولسىمۇ ئۇلارغا قۇلاق سالمىغان، ئۈچنچى ياكى تورتىنچى قېتىمدا ئۇلارنىمۇ دۇئادا قاتقانلىقى ھەج ۋە ئۆمرىدە ئەرلەرگە نىسبەتەن چاچ چۈشۈرۈشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ پەقەت ھەج تەمەتتۇئدىن باشقا ئەھۋاللاردا. ئەمما ھەج تەممتۇئدا ئۆمرە بىلەن ھەجنىڭ ئارلىقى قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆمرىدە چاچنى قىسقارتىپ ھەجدە چۈشۈرۈش ئەۋزەل