ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «رامىزاندا ئۆمرە قىلىش (پەزىلەتتە) ھەج قىلغانغا ياكى مەن بىلەن بىرگە ھەج قىلغانغا باراۋەر بولىدۇ» دېگەن سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

رامىزان ئېيىدا ئۆمرە قىلىشنىڭ ئەجىر-ساۋابى، نەپلە ھەج قىلغان ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھەج قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابىغا باراۋەر بولىدۇ، بۇنىڭدىن رامىزاندا ئېرىشىدىغان شان-شەرەپ، ئەجىر-ساۋاپ مەقسەت قىلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ رامىزاندا ئۆمرە قىلسا ئۇنىڭ بىلەن پەرز ھەج ئادا بولىدۇ دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ