مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاياللار: «ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ساۋابى كۆپرەكى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ، دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇشۇش» دەپ قارايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۇلار ھەققىدە ئۇرۇش قىلىشتىنمۇ ئەۋزەل بولغان، گۇناھ ئارىلاشمىغان ھەجدىن ئىبارەت بىر جىھادنى بايان قىلىپ بەردى. ھەج بەدەن قۇۋۋىتى ۋە مال-مۈلۈك سەرپ قىلىپ، نەپسى بىلەن كۆرەش قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن جىھاد دەپ ئاتالدى