ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇپ، چىقىرىۋىتىغان كۈنلەر ئىچىدە ئەرەپات كۈنىدىن ئەۋزەلراق كۈن يوق. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھەج قېلىۋاتقان بەندىلىرىگە ھەقىقى يېقىنلىشىدۇ، ئۇلار بىلەن پەرىشتىلەرگە پەخىر قىلىپ، پەرىشتىلەرگە ھاجىلارنىڭ پەزىلىتىنى ۋە شەرىپىنى ئاشكارا قېلىدۇ. "ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە": ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئۆزىنىڭ كاتتىلىقى ۋە ئۇلۇغلىقىغا لايىق رەۋىشتە ھەقىقى يېقىنلىشىدۇ، ئۇ ئەرىشنىڭ ئۈستىدە ئورۇنلاشقان، خەلقىدىن ئايرىم،- دەپ ئىتىقاد قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەقىقى يېقىنلىشىپ ۋە يېقىن بولۇپ: «ئۇلار نېمىنى مەقسەت قىلدى؟» دەيدۇ، يەنى: ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنى، ۋەتەنلىرىنى تاشلاپ، پۇل-ماللىرىنى سەرپ قىلىپ، بەدەنلىرىنى چارچىتىپ، قايسى نەرسىنى مەقسەت قىلدى؟، يەنى: ئۇلار پەقەت مەغپىرەت، رازىلىق، يېقىنلىق ۋە ئۇچرىشىشنى مەقسەت قىلدى، ئۇلارنىڭ مۇراد-مەقسەتلىرى ھاسىل بولىدۇ، دەرىجىلىرى نىيەتلىرىنىڭ مىقدارىچە بولىدۇ