پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنكەر ئىشنى كۈچىنىڭ يېتىشچە ئۆزگەرتىشكە بۇيرىدى. -مۇنكەر دېگەن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىگەن ھەر قانداق ئىش مۇنكەر دېيىلىدۇ. مۇنكەر ئىشنى كۆرگەندە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە كۈچى يەتسە قولى بىلەن (ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن) ئۆزگەرتىش ۋاجىپ بولىدۇ. ئەگەر قولى بىلەن ئۆزگەرتىشتىن ئاجىز كەلسە، ئۇنى تېلى بىلەن ئۆزگەرتىدۇ ۋە مۇنكەر ئىش قلغۇچىنى قىلمىشىدىن چەكلەيدۇ، ئۇ ئىشنىڭ زىيانلىق، خاتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ، بۇنىڭ ئورنىغا ياخشى بىر ئىشقا يېتەكلەيدۇ. تېلى بىلەن ئۆزگەرتىشتىن ئاجىز كەلسە، ئۇنى دىلى بىلەن يامان كۆرىدۇ، يەنى مۇنكەر ئىشنى يامان كۆرۈش بىلەن بىرگە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالىسا ئۆزگەرتىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ. مۇنكەر ئىشنى دىلى بىلەن يامان كۆرۈش بولسا ئىمان-ئېتىقادنىڭ ئەڭ ئاجىز تەرىپىدۇر.