ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئى خالايىق!، سىلەر:{ئى مۆمىنلەر!، ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ} دېگەن بۇ ئايەتنى ئوقۇپ ئۇنىڭدىن ئىنسان ئۆزى توغرا يولدا بولسا باشقىلارنىڭ ئازغۇنلىقى ئۇنىڭغا زېيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۆزىنى تۈزىسە باشقىلارنىڭ ئىشى ئاللاھقا بولىدۇ دەپ چۈشىنىسىلەر، بۇ خاتا چۈشەنچىدۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ بىزگە زېيان يەتكۈزەلمەيدىغان بولىشى ئۈچۈن توغرا يولدا بولىشىمىزنى شەرت قىلىپ: {سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ} دېدى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەش توغرا يولدا بولۇشنىڭ بىر قىسمىدۇر، بۇ توغرا يولدا بولغانلىق بولسا، زېياندىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىشىمىز زۆرۈر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئەگەر كىشىلەر يامان ئىش- ھەرىكەتلەرنى كۆرۈپ ئۆزگەرتمىسە، زالىمنى چەكلىمىسە ئاللاھ ئۆز ئازابىنى ئۇلارغا ئوموملاشتۇرىدۇ» دېدى، يەنى: ئۇلار ئازغۇن كىشىنى كۆرۈپ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىمىسە ئازغانلار ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا، يەنى: يامان ئىشنى قىلغۇچىغا ۋە ئۇنىڭدىن توسمىغان غاپىلغا جازانى ئوموملاشتۇرىدۇ