پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ «والذي نفسي بيده» دېگەن سۆزى كۆپ ھاللاردا ئاللاھ نامى بىلەن قىلىدىغان قەسەملىرىدىن ئىدى، چۈنكى بەندىلەرنىڭ جانلىرى ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، ئۇنى خالىسا ھىدايەت قىلىدۇ، خالىسا ئازدۇرىدۇ، خالىسا ۋاپات تاپقۇزىدۇ، خالىسا ھايات قالدۇرىدۇ. بەندىلەرنىڭ جانلىرى ھىدايەت تاپقۇزۇش، ئازدۇرۇش، ئۆلتۈرۈش، ھاياتلىق بېرىش ۋە ئىشلىرىنى ئۆزگەرتىش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق بارلىق ئىشلاردا ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «رۇھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى-يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى» سۈرە شەمىس 7-8-ئايەت، جانلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ قولىدا بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بۇ قەسەمنى كۆپ قىلاتتى، بەزىدە «مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى» دەيتتى، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ جېنى ئەڭ پاك بولغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ شۇنىڭ بىلەن قەسەم قىلغان. ئاندىن قەسەم قىلىنغان ئىشلارنى تىلغا ئالغان، ئۇ بولسىمۇ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش بولۇپ، ئۇنداق بولمىغاندا ئاللاھ تائالا بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئومومى ئازاب نازىل قىلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا دۇئا قىلساقمۇ دۇئايىمىز ئىجابەت بولمايدۇ