پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر: كۆڭۈللىرىدە پەيدا بولىدىغان ئەمما ئۇنىڭ ناچارلىقى ۋە نەپرەتلىنىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئېغىزدىن چېقىرىش قىيىن بولىدىغان ئىشلار توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «كۆڭلۈڭلاردا تاپقان ئۇ ئىش ئوچۇق ئىمان ۋە ئىشەنچىدۇر، ئۇ سىلەرنى شەيتاننىڭ دىلىڭلارغا سالغان، سۆزلەشنى ياقتۇرمىغان ۋە كۆڭلۇڭلاردا كاتتا تۇيۇلغان ئىشلاردىن مۇداپىئە قىلىدۇ. ھەقىقەتەن شەيتان سىلەرنىڭ دىلىڭلارغا ئورۇنلىشالمىدى، بۇنىڭ ئەكسىچە شەيتان دىلىغا ئورۇنلاشقان كىشىنىڭ قەلبىدە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە قىلىدىغان نەرسە بولمايدۇ»دېدى.