explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېڭى كىيىمنى ئۇزۇن ۋاقىت كەيسە كونىرغانغا ئوخشاش مۇسۇلماننىڭ قەلبىدىكى ئىماننىڭمۇ كونىراپ، ئاجىزلىشىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. بۇ ئىبادەتتىكى سۇسلۇق، گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىش ۋە نەپسى-شەھۋەتكە چۆمۈپ كىتىش قاتارلىق سەۋەپلەردىن بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىش، كۆپ زىكىر ئېيتىش ۋە ئىستىغپار ئېتيىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ئىمانىمىزنى يېڭىلاپ بېرىشنى سوراشقا تەۋسىيە قىلدى.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • ئاللاھ تائالادىن دىندا مۇستەھكەم قىلىشنى ۋە دىلدىكى ئىماننى يېڭىلاپ بېرىشنى سوراشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
  • ئىمان دېگەن: دىلى بىلەن ئېتىقاد قىلىش، تىلى بىلەن ئىقرار قىلىش ۋە ئەزالىرى بىلەن ئەمەل قىلىش بولۇپ، تائەت-ئىبادەت بىلەن زىيادە بولىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت بىلەن كەم بولىدۇ.
explain-icon

تېخىمۇ كۆپ