ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنقى ئۈممەتكە ئەۋەتكەن ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى ئىچىدىن ئۆزىدىن كىيىن خەلىپىلىككە يارايدىغان، يولىنى تۇتۇپ، شەرىئىتىگە ئەگىشىپ، پىرىنسىپى بىلەن ئىش قىلىدىغان تاللانغان، ئىخلاسمەن ياردەمچىلىرى بولغان، كېيىن بېرىلمىگەن نەرسى بىلەن تويۇنىدىغان بىر بۆلۈك كىشىلەر پەيدا بولىدۇ، يەنى: ئۇلار ئۆزلىرىنى ماختىلىدىغان سۈپەتلەردىن بىرى بىلەن كۆرسىتىدۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئۇنداق ئەمەس، شەرىئەتتە كەلمىگەن، بۇيرۇلغان ئىشقا خىلاپ يامان ئىشلارنى قىلىدۇ. يامانلىقنى يوقىتىش ئىھتىياجى تەلەپ قىلغاندا ۋە ئۇنىڭدىن چوڭراق بۇزغۇنچىلىق پەيدا بولمىغاندا، ئۇلار بىلەن قولى ئارقىلىق كۆرەش قىلغان كىشى ئىيمانى مۇكەممەل كىشىدۇر. يامانلىقنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى توسىيالايدىغان كىشىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، تىلى بىلەن كۆرەش قىلغان كىشى مۆمىندۇر، يامانلىقنى يوقىتىشتا ئاللاھدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن قەلبى ئارقىلىق كۆرەش قىلغان كىشىمۇ مۆمىندۇر، يامان ئىشنى قەلبى بىلەن ئۆچ كۆرۈشنىڭ كەينىدە قىلچە ئىمان بولمايدۇ