رافىئ ئىبنى خەدىج رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن «زۇلھۇلەيپە» دېگەن جايغا غازاتقا چىققانلىقىنى، ئۇلار ئۇ يەردە كۆپ چارۋىلارنى غەنىمەت ئالغانلىقىنى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ كەينىدە قالغانلىقتىن ئۇلارغا كېلىپ تەقسىم قىلىشتىن بۇرۇن بىر قانچە چارۋىنى بوغۇزلىغانلقىنى ۋە گۆشلەرنى قازانغا سېلىپ پۇشۇرۇۋاتقاندا، رەسۇلۇللاھ كېلىپ ئۇ گۆشلەرنى تۆكۈپ قازانغا توپا چېچىۋەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ: غەنىمەتلەرنى تەقسىم قىلىشتىن ئىلگىرى يېيىش، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسىنىڭ گوشىنى يېگەنگە ئوخشاش، دېگەن. ئاندىن بىر تۆگىنى ئون قوينىڭ باراۋىرىدە قىلىپ بۆلۈپ بەرگەن. ئاندىن ساھابىلەر ئۆزىگە تەگكەن نىسىۋىسىدىن بوغۇزلىغان. شۇ ۋاقىتتا تۆگىلەردىن بىرى قېچىپ كىتىپ، ئۇلاردا ئات يېتەرسىز بولغانلىقتىن تۇتالمىغان، شۇ ئارىدا بىر كىشى ئۇنى يا ئوقى بىلەن ئېتىپ يىقىتقان، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: بۇ ھايۋانلار ئوۋلىنىدىغان ھايۋانلارغا ئوخشاش، قېچىپ كەتكەن ۋاقىتتا مۇشۇنداق قىلساڭلار بولىدۇ، دېگەن. ئاندىن ئۇلار ئوۋلانغان نەرسىلەرنى قانداق بوغۇزلاش توغۇرلۇق سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: ئاللاھنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان، بوياندىن قان ئاققۇزۇلغان ھايۋاننى يېيىش دۇرۇس دېگەن. لىكىن تىرناق ئارقىلىق، مەيلى ئۇ ئىنسان قولىدا بولسۇن ياكى ئايرىم بولسۇن، ۋە يەنە چىش بىلەن ئولتۈرۈش دۇرۇس ئەمەس دېگەن. ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار تىرناق ئارقىلىق ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ يەيدىغان