قۇربانلىق قىلىشنىڭ لازىملىقى تەكىتلەنگەنلىكتىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق قىلىشقا قىزىقتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇنى ئۆزىمۇ قىلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى. ئۇلارنىڭ رەڭگىدە ئاقلىق ۋە قارىلىق بار ئىدى ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ مۈڭگۈزى بار ئىدى. ئۇ ئىككىسىنى ئۆزىنىڭ مۇبارەك قولى بىلەن بوغۇزلىدى، چۈنكى بۇ ئۇلۇغ بىر ئىبادەت بولغاچقا ئۆزى قىلدى. ئۇنى بوغۇزلايدىغان چاغدا، ئۇنىڭ بەرىكەتلىك بولىشى ۋە ياخشىلىقنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن، ئاللاھتىن ياردەم سوراپ بىسمىللاھنى ئوقۇدى ۋە ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش، ئىبادەتتە ئۇنى يەككە يىگانە قىلىش، ئۇنىڭ ئالدىدا ئاجىزلىقنى ۋە بوي سۇنغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تەكبىر ئېيتتى. بوغۇزلىغاندا تىز سۈرەتتە بوغۇزلاش ئارقىلىق، قۇربانلىققا رەھىمدىللىك بىلەن بوغۇزلاش تەلەپ قىلىنغان بولغاچقا، بوغۇزلىغان چاغدا ئۇ مىدىرلاپ، ئۇنى بوغۇزلاش مۇددىتى ئۇزۇراپ كېتىپ ئۇنى قىيناپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مۇبارەك پۇتىنى ئۇلارنىڭ گەدىنىگە تېرىدى. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئۆز مەخلۇقاتىغا رەھىمدىلدۇر