بۇ ھەدىستە ئەسما بىنتى ئەبى بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدا ئات ئۆلتۈرۈپ يېگەنلىكىنى بايان قىلىپ بىرىدۇ. بۇ ئات گوشىنىڭ ھالال ئىكەنىكىگە دەلىل ئىسپات بولىدۇ. بۇ ھەدىسنى ئوقۇغان بىر كىشى سۈرە نەھىل 8-ئايەتتىكى: «ئاللاھ تائالا ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مېنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ تائالا يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ» ئاتنىڭ ئېشەك ۋە خېچىر بىلەن بىر يەردە كېلىشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ھاراملىقىنى چۈشۈنىۋالماسلىقى كېرەك