پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ۋىدالىشىش ھەجىنى قىلىش ئۈچۈن مەككىگە قۇربانلىق چارۋا ئېلىپ كەلدى، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبمۇ يەمەندىن قۇربانلىق چارۋا ئېلىپ كەلدى، ئۇ كەمبەغەل-مىسكەنلەرگە سەدىقە قىلىنىدىغان بولغاچقا ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ بۇ چارۋىلار ياكى ئۇنىڭغا تەۋە نەرسىلەر بىلەن ئالماشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ھەققى يوق ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئەلىنى قۇربانلىقنىڭ گۆش-تېرىلىرىدىن قاسساپقا ئىش ھەققى سۈپىتىدە بىر نەرسە بېرىشتىن توستى، ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى گۆش، تىرە ۋە توقۇملىرىدىن باشقا بىر نەرسىدىن بەردى