پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەيتۇللاھنى ئۇلۇغلايتتى ۋە ھۆرمەت قىلاتتى، ئۆزى كىلەلمىسە ئۇنى ئۇلۇغلاپ، شۇ يەردە تۇرىۋاتقانلارغا كەڭىرچىلىك يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، قۇربانلىق چارۋىلارنى ئەۋەتەتتى، قۇربانلىق مالنى ئەۋەتسە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بەيتۇللاھغا ئەۋەتىلگەن مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە يامانلىق يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بەلگە سېلىپ بىر نەرسە ئېسىپ قوياتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ خەۋەرنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ ئۇلاغنىڭ بويانچۇقلىرىنى ئېشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى مەدىنىدە تۇرۇپ قۇربانلىق چارۋىلارنى بەيتۇللاھغا ئەۋەتسە، ئېھراملىق كىشىلەر ساقلىنىدىغان خۇش-بۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش، ئاياللارغا يېقىنلىشىش، تىكىلگەن نەرسىلەرنى كىيىشتەك ئىشلاردىن چەكلەنمەيتتى، بەلكى ھەممە نەرسە بۇرۇنقىدەك ھالال بولاتتى