بۇ ھەدىستە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزلىرىنىڭ ھۈدەيبىيە يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىلىپ كەلگەن ئۇلاغلىرىنى قۇربانلىق قىلغانلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى تۆگە ياكى كالىدا يەتتە كىشىنىڭ شېرىك بولىشىنى بۇيرىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن يەتتە كىشى بىر تۆگىگە، يەتتە كىشى بىر كالىغا شېرىك بولغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ