پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ قۇربانلىق تۆگىنى مېنىشكە ئېھتىياجلىق تۇرۇپ، ھەيدەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: «تۆگەڭگە مىنىۋالغىن» دېدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بەيتۇللاھقا ھەدىيە قىلىنغان تۆگە ئۇلۇغ، چېقىلىشقا بولمايدىغان بولغاچقا، بۇ ساھابە ئۇنىڭ بەيتۇللاھقا ھەدىيە قىلىنغان تۆگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ سۈرۈشتۈردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تۆگە گەرچە بەيتۇللاھقا ئاتالغان ھەدىيە بولسىمۇ، ئۇنىڭغا مىنىۋالغىن» دېدى، ئۇ كىشى ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىم قايتىلىغاندا، گەرچە ھەدىيە بولسىمۇ، ئۇنىڭغا مىنىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن:«ئۇنىڭغا مىنىۋال» دېدى، ئۇ كىشى تۆگىگە مىندى