پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بىرىدۇكى، مۇسۇلمان كىشى نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلسا، ئۇ ناماز ئۇنىڭ ئۆيىدە، ياكى بازاردا، دۇكاندا يالغۇز ئادا قىلغان نامازدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. ئاندىن بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلدى: بۇ تاھارەتنى مۇكەممەل، تولۇق ئالسا، ئاندىن پەقەت نامازنى مەقسەت قىلىپ مەسچىتكە چىقسا، ئۇ كىشىنىڭ باسقان ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن بىر دەرىجە كۆتۈرىلىدۇ، بىر خاتالىق ئۆچۈرىلىدۇ. مەسچىتكە كىرگەندە نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرسا، ئۇ كىشى نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرغاندا نامازدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ناماز ئادا قىلغان ئورنىدا ئولتۇرغان مۇددەتتە پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: «ئى ئاللاھ! ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسىلا، ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلسىلا، ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلسىلا». بۇ شەرەپكە تاھارىتى بۇزۇلمىغان، ئىنسانلار ياكى پەرىشتىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلمىغان ھالەتتە ئېرىشەلەيدۇ.