پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە ئەمەللىرىڭىلارنىڭ ياخشىراقى، ساۋابى كۆپرەكى ۋە رەببىڭلارنىڭ نەزىرىدە پاكراقى، دەرىجەڭلارنى يۇقىرى كۆتىرىدىغانراقى، سىلەر ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئالتۇن-كۈمۈش خەجلىگىنىڭلاردىنمۇ ياخشىراقى، كاپىرلار بىلەن جەڭ مەيدانىدا ئۇچرىشىپ، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن سىلەر ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا، ئۇلار سىلەرنىڭ بويۇنلىرىڭلارغا ئۇرغاندىنمۇ ياخشىراق بولغىنىنى دەپ بىرەيمۇ؟» دېدى، ساھابىلار: «شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنى ئەسلەش» دېدى