ھەدىسنىڭ مەنىسى: ھەرقانداق بىر جامائەت بىرەر سورۇندا ئولتۇرسا، ئۇلار ئۇ سورۇندا ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلماي تۇرۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى خۇددى ئەڭ سېسىق ۋە پاسكىنا بولغان ئېشەكنىڭ تاپىنى زىياپەت قىلغان دەستۇرخاندا ئولتۇرغان كىشىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. سورۇندىن ئاللاھنى زىكىر قىلماي ئورنىدىن تۇرغانلار خۇددى مۇشۇنداق ئېشەك تاپى قويۇلغان سورۇندىن تۇرۇپ كەتكەن كىشىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. بۇ ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا سەل قارىغاننىڭ مىسالى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىنى سەل قاراپ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان ئىشلارغا زايە قىلىۋەتكەنلىكلىرىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئۆزلىرىنىڭ سورۇنلىرىنى تائەت-ئىبادەت ۋە زىكىر-سۆھبەت سورۇنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولىشى كېرەك، سېسىق ۋە پاسكىنا نەرسىلەردىن يىراق بولغاندەك پايدىسىز سورۇنلاردىن يىراق بولىشى كېرەك، ئىنسان ئۆزىنىڭ ۋاقتىغا مەسئۇل بولىشى لازىم، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ۋاقتىدىن ھېساب بېرىدۇ، ئەگەر ياخشىلىقتا ئۆتكۈزگەن بولسا ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئەگەر يامانلىقتا ئۆتكۈزگەن بولسا ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ