ھەنزەلە ئەبۇ بەكرىگە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا بولغاندا، ئاللاھ تائالانى ئەسلەپ، ئىخلاس ۋە تەقۋادارلىق جەھەتتە بىر خىل يۈكسەك ھالدا، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندا، ئايال، بالا-چاقىلار بىلەن بىللە بولغاندا، ئەھۋالى ئۆزگىرەپ يەنە بىر خىل ھالدا بولىدىغانلىقىدىن نارازى بولغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە بۇنىڭ مۇناپىقلىق بولىشىدىن ئەنسىرگەن. چۈنكى مۇناپىقنىڭ ماھىيتى، ئىچكى دۇنياسى بىلەن تاشقى دۇنياسى ئوخشاش بولماسلىق ئىدى. بۇلار بۇ خىل ئەھۋالدىن شىكايەت قىلىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بارغان. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: ئەگەر سىلەر ھۇزۇرۇمدىكى ھالىتىڭلاردا ئىزچىل بولساڭلار ئىدى، پەرىشتىلەر سىلەر بىلەن ھەر ۋاقىت قول ئېلىشىپ كۆرشۈپ تۇرغان بولاتتى، لېكىن ھەر ئىشتا ئورتاھال بولۇش ياخشى ئىكەنلىكىنى، بىر ۋاقىت ئاللاھ تائالانى ئەسلەشكە بەرسە، يەنە بىر ۋاقىتنى ئائىلىسى ۋە بالا-چاقىسىغا بېرىش توغرا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان