explain-icon

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا بەكراق ياخشى كۆرىدىغان سۆزلەرنىڭ تۆت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: سۇبھانەللاھ، بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانى بارلىق كەمچىللىكتىن پاكلاش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئەلھەمدۇ لىللاھ، بۇ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلۇغلاش بىلەن بىرگە تولۇق ۋە مۇكەممەللىك بىلەن سۈپەتلەشتۇر. ۋەلائىلاھە ئىللەللاھۇ: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر. ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىدىن ئۇلۇغ، كاتتا ۋە غالىپتۇر. بۇ سۆزلەرنىڭ پەزىلىتى ۋە ساۋابىنىڭ ھاسىل بولىشى بۇ زىكىرلەرنى ئېيتقاندا يۇقىرىدىكى تەرتىپ بىلەن دېيىش تەقەززا قىلىنمايدۇ.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • شەرىئەتنىڭ ئاسانلىقىدىن: بۇ زىكىرلەرنىڭ قايسىسى بىلەن باشلىسا خاتا بولمايدۇ.